دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقى ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەنمەكتە.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە
dunya 10 kasim anma2.jpg
dunya 10 kasim anma.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك قازاقىستاندا سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ئىچىدە خاتىرىلەندى. تۈركىيەنىڭ نۇرسۇلتاندىكى ئەلچىخانىسىدا بۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇرسىمغا تەكلىپلىك مېھمانلاردىن سىرت كۆپ ساندا تۈركىيە پۇقراسى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىم ئاتاتۈركنىڭ ئەزىز خاتىرىسى ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن ئاتاتۈرك ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەخسۇس ۋىدېئو قويۇلدى. مۇراسىم ئاخىرىدا پايتەخت نۇرسۇلتاندىكى ئاتاتۈرك خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى.

ئاتاتۈرك تۈركىيەنىڭ مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇالالومپۇردىكى ئەلچىخانىسىدىمۇ خاتىرىلەندى؛ ئەلچىخانا خادىملىرى، مالايشىيادىكى تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىرى قىسىم تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى، مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇلدى. مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ۋىدېئو كۆرسىتىلدى.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانسىىدىمۇ 10 – نويابىر ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى؛ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ پاكىستان ۋە ھىندونېزىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىدىمۇ مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ ئاتاتۈرك ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر