ئەردوغان: ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ چەك – چېگراسى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ چەك – چېگراسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1303186
ئەردوغان: ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ چەك – چېگراسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى» پىروگراممىسىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسلام دۇنياسى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇسىبەتلەر ھەققىدە توختالدى، ھەمدە مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلارنىڭ  مىسلىسىز قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىتىپ مۇنداق دېدى: «جانابىي ئاللاھ بىزگە ئەنسارى بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بومبىلاردىن قاچقان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ مۇھاجىر بولۇشنى نېسىپ قىلدى. خۇدايىم بۇيرىسا، سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز  ئۆز يۇرتىغا سۈرىيەدە ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن قايتىدۇ. ئەمما بىز ئۇلارنى قوغلاپ چىىرىۋېتەلمەيمىز، ئۇلارنى بومبىلارنىڭ ئاستىغا ئەۋەتەلمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ قېرىنداشلىق ئېڭىمىز بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئىنساننى ئىنسان قىلغان قىممەتلەر تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان تىنچلىق ۋە ئېسەنلىك دىيارى بولۇپ كەلگەن ئىسلام دىيارلىرىنى نۆۋەتتە يېتىم – يېسىرلارنىڭ، ئاياللارنىڭ، ئۇرۇشتا پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالە – پەريادلىرى قاپلاپ كەتمەكتە. مەدەنىيەتلەرنىڭ بوسۇغىسى بولغان قەدىمىي شەھەرلىرىمىز ئۆز خەلقىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان دىكتاتورلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا خارابىلىكلەرگە ئايلانماقتا. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سالغان زىيانلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى جامەلەردە ناماز ئوقۇۋاتقان مۆمىنلەرنى، مەكتەپكە كېتىۋاتقان بالىلارنى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلماقتا.  ئىسلام مەدەنىيىتى بىر تەرەپتىن دائېش، بوكو ھارام، ئەششەباب، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك، ي پ گ قاتارلىق قاتىللىق گۇرۇھلىرىنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن، جاھالەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. كۈنىمىزدىكى ئەھلىسەلىپلەر ھېسابلىنىدىغان يېڭى ناتسىست تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي تاپقان دېموكراتىك ئەللەردە مۇسۇلمانلارغا كۈندىلىك ھاياتنى زىندانغا ئايلاندۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر