ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە،  ئىككى رەھبەر، 22 – ئۆكتەبىر كۈنى (تۈركىيە چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈش پىلانلانغان بىخەتەر رايوندىكى تېررورچىلارنىڭ بۇ يەردىن چىقىرىلىشى مەقسىتىدە) ھاسىل قىلىنغان «سوچى كېلىشىمى» گە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تولۇق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، يەنە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا قارىتا قەدەملەرنى تاشلاش توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر