تۈركىيە ئارمىيەسى تەلئەبياد ۋە رەسۇلەيندە ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا

سۈرىيەدە تەلبئەبياد ۋە رەسۇلەيندە سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دالا سەھىيە ئەترەتلىرى يېزا – قىشلاقلارنى ئايلىنىپ، ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا.

1303188
تۈركىيە ئارمىيەسى تەلئەبياد ۋە رەسۇلەيندە ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا
tsk suriye saglik taramasi1.jpg
tsk suriye saglik taramasi2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ بېسىمى ۋە زۇلمىدىن قۇتقۇزۇلغان تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين خەلقىگە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مېھىر - شەپقەت قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىلىۋاتقان، سۇ مۇئەسسەسەلىرى رېمونت قىلىنىۋاتقان، دوختۇرخانىلارنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقان رايوندا سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن،  تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دالا سەھىيە ئەترەتلىرى يېزا – قىشلاقلارنى ئايلىنىپ، ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا، ئەھۋالى ئېغىر بولغان كېسەللەرنى شانلىئۇرفادىكى ئاقچاقەلئەگە ياكى جەيلانپىنارغا كەلتۈرۈپ، داۋالىماقتا. دالا سەھىيە ئەترەتلىرى يېقىندا تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين ئوتتۇرىسىدىكى تەل ئەبۇ شەيخ ۋە تەل ئەلجەننەپ يېزىلىدا كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بالىلاردىن ياشانغانلارغىچە ھەممە كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر