قالىن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي بىلەن كۆرۈشتى.

قالىن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى دولماباھچە ئىشخانىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتتېرفېلدمۇ قاتناشتى.

ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 13 – نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئەنقەرە – ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «سۈرىيە كېلىشىمى»، دائېشقا قارشى كۈرەش، بىخەتەر رايون، ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى، سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش باسقۇچىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە  مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى دەرھال تاماملىشى ۋە سۈرىيەدە ئوچۇق - ئاشكارا، ئادىل ۋە ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى؛ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق 17 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى؛ تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە پ ك ك/ي پ گ/پ ي د قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جېفرېي پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، ھەمدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر