چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە تېررورلۇق  دۆلىتى قۇرۇش پىلانلاندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇش پىلانلانغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە تېررورلۇق  دۆلىتى قۇرۇش پىلانلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئانتاليا شۆبىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ دوستلىرى كېچىلىكى»  پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە،  تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى،  تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم ساھەدە ھەم سۆھبەت ئۈستىلىدە كۈچلۈك بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، نۆۋىتى كەلگەندە خۇددى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشى لازىملىقىنى، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئايلارچە ھەپىلىشىپ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلىنى ساھەدىكى كۈچلۈك بىر ھەرىكەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ بۇنىڭغا روشەن مىسال بولالايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق ھەم رۇسىيە ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆز نىشانىغا يەتكەنلىكىنى، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق سۈرىيەدە ئوينالغان سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزى كۈچلەر سۈرىيەدە تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما بىز بۇ چوڭ سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلدۇق، جۈملىدىن پەقەت تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇ يەردە تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇش پىلانى تۈزگەنلەرنىڭمۇ پىلانىنى بۇزدۇق. بەزىلەرنىڭ تۈركىيەگە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر