ئەردوغان 13-نويابىر ئامېرىكاغا بارىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك رايوندىن چىقىرىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان 13-نويابىر ئامېرىكاغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگرىيەدىن قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «تۈنۈگۈن (7-نويابىر) كەچتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۇق. بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، 13-نويابىر ئامېرىكانى زىيارەت قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ مەزكۇر زىيارەت بىلەن، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن نۇقتىنى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى بار. مۇنبىچتىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى چىقىرىمىز، دېدى. ئەمما، ھازىرغىچە چىقمىدى. بىز قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئىستىخباراتلىرىمىز ئارقىلىق بىلىپ تۇرىمىز.»

ئۇ تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تېلئابياد بىلەن راسۇلئايننى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «راسۇلئايننىڭ جەنۇبىدا تېل تامېر رايونى بار. ئۇ يەر تېررورلۇق تەشكىلاتى تۇرۇۋاتقان جاي. تېررورلۇق تەشكىلاتى جىم تۇرمايدۇ ۋە ئىزچىل ھالدا چېگرالىرىمىزغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇنبىچتىمۇ، ئاين ئەلئاراب رايونىدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. پ ك ك| پ ي د ئۇ يەرلەردە ئازىراقلا پۇرسەتكە ئېرىشسە چېگرالىرىمىزغا خىلاپلىق قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ رايوندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا زىيارىتىدە پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست رايوندىن چىقمىغىچە ئىشىمىزنى توختاتمايمىز، باشقا دۆلەتلەر بۇ يەردىن چىقمىغىچە بىزمۇ چىقمايمىز. بىز سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايمىز، ھەرگىزمۇ پارچىلىنىشىنى قوللىمايمىز. ئەگەر باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنى قوللىسا، ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇنى بىزدىن تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇ يەردە چېگراسى يوق، ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە چېگرامىز بار. بىزنىڭ ئادانا كېلىشىمى دېيىلگەن ھۆججىتىمىز بار. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تازىلانمىسا، ئادانا كېلىشىمى بىزگە بەرگەن ھوقۇق بىلەن بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئوخشاش ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر