تۈركىيە دائېشچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرىدۇ
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ دۈشەنبە (11-نويابىر) كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1302963
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دائېشچىلارنى ئۆ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇشنى باشلايدۇ. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ دائېشچىلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ باياناتىدا: «دائېشچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرىمىز. بۇنى دۈشەنبە كۈنى باشلايمىز» دېدى.
ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەزاسى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بۇ جەھەتتە خەلقىمىزگە ۋەدە بېرىمىز. ئاتالمىش پ ك ك كاتتىباشلىرىدىن كارايىلان ئۈزۈلمۈشنى ئۆلگەن كارايىلانغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئايرىماستىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن شەرەپلىك ھالدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.