ئەردوغان: تەرەپلەر تېررورچىلارنى بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن چىقىرىش ۋەدىسىدە تۇرمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن چىقىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىنىڭ ئورۇندالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: تەرەپلەر تېررورچىلارنى بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن چىقىرىش ۋەدىسىدە تۇرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىغان ي پ گ / پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلىتىمىز تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 8 يىللىق رەزىل پىلانلارنى پەقەت 8 – 9 كۈن ئىچىدە ۋەيران قىلىۋەتتى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيەدە بولۇش بەدىلىگە تېررورچىلارنىڭ ھامىيلىقىنى قىلغانلارنى، ياللانما قاتىللارغا چاپان ياپقۇچىلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە ئارىسىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ئالاقىدار ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرىسىدا توختىلىپ، «ي پ گ/ پ ي د / پ ك ك، دائېش، بۇلارنىڭ بۇ يەردىن 120 سائەت ئىچىدە چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى)، ھازىرغىچە بۇنى ئىشقا ئاشۇرمىدى. ئوخشاشلا رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلغان كىلىشىمىمىزدە 150 سائەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردىن چېكىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى 150 سائەتنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي ھازىرغىچە ئۇ رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكىنى يوق» دېدى.

ھازىر تېررورچىلارنىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، «بۈگۈن ئەتىگەن 11 كىشى شېھىت بولدى. ئەلۋەتتە قارشى تەرەپتىن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

دائېش كاتتىبىشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئايالىنىڭ بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيەنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «قولغا چۈشۈرگەن كىشىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ قايتۇرۇۋېتىش مەركەزلىرىمىزگە يوللايمىز. بىزنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمىز بۇ مەسىلىدە قانداق قارار چىقىرىدۇ، بۇنىڭغا قارايمىز. باغدادىنىڭ ئايالى بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قولىمىزدا ئىدى. ھازىر ۋەقەنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. بۇلارنى ھازىر ئېلان قىلىشنى توغرا دەپ قارىمايمەن. باغدادىنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە DNA ى ئېنىقلانغان پەرزەنتىنىڭمۇ بولۇشى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بىر مەسىلە. سوراق قىلىش ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە، «ھازىرغىچە تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن دائېشچىلار سانى 76 مىڭ. چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان دائېشچىلارنىڭ سانى 7550، تۈرمىلىرىمىزدە ھازىر 1149 دائېشچى بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر