ئەردوغان 11-نويابىرنى «مىللىي دەرەخ تىكىش» كۈنى دەپ جاكارلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر يىلى 11-نويابىرنىڭ «مىللىي دەرەخ تىكىش كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «11-نويابىر دەرەخ تىكىش سەپەرۋەرلىكى» مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان ھۆججەتتە، تۈركىيەنىڭ 78 مىليون گېكتارلىق يۈز ئۆلچىمى بىلەن، ئېكولوگىيەلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مول تۈرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، بۇ موللۇق ئىچىدە ئورمانلارنىڭ تۈر ۋە خىلمۇ خىللىق جەھەتتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەملىكەت مىقياسى بويىچە ئوخشاش ۋاقىتتا كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ تارىم ۋە ئورمان مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «81 ۋىلايىتىمىزدە 2023 نۇقتىدا ئۈچ سائەت ئىچىدە 11 مىليون كۆچەتنىڭ تۇپراق بىلەن ئۇچرىشىشىنى ۋە دۇنيا رېكورتىنى نىشان قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە، يەتتىدىن 77 ياشقىچە بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك خالىسانە ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز تولۇق» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆججەتتە 11-نويابىرنى «مىللىي دەرەخ تىكىش كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى.