«فاتىھ» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ناملىق پاراخوتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«فاتىھ» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاتىھ دۆنمەز، پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «12 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنى ۋە يەرمەنكىسى» نىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<فاتىھ> ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىمىز فىنىكەدىكى پائالىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېقىلغۇ قاچىلاش ئۈچۈن مەرسىن تاشۇجۇ پورتىغا كەلدى. بىرقانچە كۈنلۈك يېقىلغۇ قاچىلاش ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، تەكرار بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن سېتىۋالغان رايوندا  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر