ئوقتاي: ئامېرىكىنىڭ تېررورىزم دوكلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2018 – يىللىق تېررورىزم دوكلاتىنىڭ تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1300441
ئوقتاي: ئامېرىكىنىڭ تېررورىزم دوكلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ئالىي مائارىپ ئورگىنىنىڭ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان بىر يىغىنىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورىزم دوكلاتىنى ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا تەييارلىغان تېررورىزم دوكلاتى، تۈنۈگۈن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك، بىزنىڭ، نە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، نە (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى) ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

«قاچانكى ئورنىمىزدىن تۇرساق، تەرەققىي قىلىشقا باشلىساق، ئۇپۇققا قارىساق، يولىمىز، پۇتلىرىمىزغا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىشكەل سېلىنىشقا تىرىشىلماقتا» دېگەن ئوقتاي، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، ئىلىم دۇنياسىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقلىق كۈرىشىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشىغا ھەسسە قوشۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر