ئالتۇن باغدادىنىڭ ئاچىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، باغدادىنىڭ ئاچىسى راسمىيە ئاۋادنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش لىدىرى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ ئاچىسى راسمىيە ئاۋادنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تۈركىيە، ئىدېئولوگىيەسىگە ۋە مەنبەسىگە قارىماستىن تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. باغدادىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئۇتۇقنىڭ بىر ئۈلگىسىدۇر. خەلقىمىز ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقچى ۋە رايونىمىزنى مۇقىمسىزلاشتۇرماقچى بولغانلارنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. دائېشقا قارشى كۈرەش ئىرادىمىز ھەققىدە تۈركىيەگە قارشى كۆپ جەھەتتىن قارا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلماقتا. تۈركىيە تېررورنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كۈرەشتە باشلامچى بولماقتا. بۇ نۇقتىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە شېرىكلىرىمىز بىلەن ئورناتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقىمىزدىن قەتئىي گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
راسمىيە ئاۋادنىڭ سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونى تەۋەلىكىدىكى ئازەزدە يولدىشى، كېلىنى ۋە 5 پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.