ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

1299452
ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى زىيارىتىگە ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى.

كۆرۈنۈشتە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋىدېئولۇق ئالاقە ئورنىتىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى قومانداندىن رەسۇلەيىن ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ سۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورۇن ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شەھەرنى زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ چېگرانىڭ سۈرىيە تەرىپىدىن 10 – ئۆكتەبىردە ئاقچاقەلئە ناھىيەسىگە قىلغان راكېتامىيۇتلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان 9 ئايلىق بوۋاق مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ ئائىلىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر