تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىدىكى چارلاش - تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى چارلاش – كۆزىتىش، مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

1299463
تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىدىكى چارلاش - تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات بېرىپ، «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە قىسىملىرىمىزنىڭ چارلاش – كۆزىتىش، مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. رايوندا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارغا تەۋە ئورۇنلارغا ئوق چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەر رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر