شەنتوپ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىن يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيادا تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1299930
شەنتوپ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىن يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ، «ئىزچىللىققا ئىگە تەرەققىيات مەقسەتلىرىگە يېتىش ۋە يەر شارى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئورنىتىلغان مېخانىزملار ۋە ئورگانلارنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقىنى؛ بۇ نۇقتىدا خەلقئارالىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبلىرى ھەمدە مەۋجۇت بولۇش مەقسەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ناھايىتى ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، بولۇپمۇ ب د ت قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىنىڭ بىرى بولغان دۇنيادا تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن تولىمۇ يىراقتا.»

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ نارازىلىق، بولۇپمۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ بارلىق يۈكى زىممىسىگە يۈكلەنگەن ب د ت دا ئەكس سادا پەيدا قىلدى. ئەمدى بەزى دۆلەتلەر پەقەت ھەق-ھوقۇققىلا، بەزى دۆلەتلەر بولسا، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىققىلا ئىگە بولغان دۇنيا يوق، ھەم بولمايدۇ. بۇنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بار، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر