تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى شەنتوپ ياپونىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە يېتىپ باردى.

1299292
تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى شەنتوپ ياپونىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى ياپونىيەنىڭ خانېدا ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيەنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاسان مۇات مەرجان كۈتۈۋالدى.

ئەتە باشلىنىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچ بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ. شەنتوپ يىغىندا سۆز قىلىدۇ ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر