رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەگە كەلگەن ئىككىنچى ھەربىي ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئاخىرلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى ھەربىي ھەيئىتى بىلەن 1-، 2 – نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1299162
رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەگە كەلگەن ئىككىنچى ھەربىي ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە سوچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك تاكتىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى ھەربىي ھەيئىتى بىلەن 1-، 2- نويابىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار ئاخىرلاشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن، سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك دىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈركىيە – رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي چارلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر