جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

1299341
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن شانلىئۇرفاغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى 20 – بىرونېۋىكلىك قىسىملار بىرىگاداسىنى يوقلىدى. ئارقىدىن شانلىئۇرفادىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىگە بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.

شانلىئۇرفا ۋالىيلىق مەھكىمىسىدىمۇ زىيارەتتە بولغاننىڭ ئەردوغاننىڭ ئاقچاقەلئە دۆلەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ تەل ئابياد ناھىيەسىدە سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغانلاردىن ھال – ئەھۋال سورايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر