«كۆكۈش كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىكى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ۋاندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1298904
«كۆكۈش كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى» دىكى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋان ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن گۈرپىنار ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ئلىپ بېرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، بىرى ئۇچۇر يوللىغۇچىلارغا 300 مىڭ تۈركىيە لىراسى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، «كۆكۈش كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى»  دىكى «كاركەر» تەخەللۇسلۇق تېررورچى  بىلەن قوشۇلۇپ، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، كۆپ ساندا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.

مۇشتىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغلار، ئوق – دورىلار ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار ئۈچ پاناھ جاي دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر