چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيەلىك تۈرك سودىيەنى تەبرىكلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ماكېدونىيەلىك  تېگى تۈرك سودىيە سالىھ مۇراتقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيەلىك تۈرك سودىيەنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1966 – يىلى شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ گوستىۋار شەھىرىگە قاراشلىق ۋراپچىستە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن سالىھ مۇرات، 1991 – يىلى بېلگراد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىشلىرى فاكۇلتېتىنىڭ قانۇنچىلىق بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن.

ئۇ، ماكېدونىيە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭمۇ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 2012 – يىلى شىمالىي ماكېدونىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇ شىمالىي ماكېدونىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان تۇنجى تۈرك ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر