«تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسى قەتئىي»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

1298397
«تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسى قەتئىي»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئامېرىكىلىق بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە قارشى بېرىۋاتقان باياناتلىرى ھەققىدە ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىر ناتو ئىتتىپاقدىشى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ۋابالى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلارغا بولىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرشىنى توختىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. بۇ  كۈرەشنى ھەم خەلقىمىزنىڭ ھەم پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر