تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى «سوچى كېلىشىمى» دائىرىسىدە سۈرىيەدە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

1298450
تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 24 – ئۆكتەبىر كۈنى سوچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، سۈرىيەدە «بىخەتەر رايون» شەكىللەندۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا تۇنجى قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

«سوچى كېلىشىمى» گە ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى ئەين ئەلئەرەب ۋە قامىشلىق مەركىزىنىڭ سىرتىدا 30 كىلومېتىر چېكىنىشى، مۇنبىچ ۋە تەلرىفئەتتىكى تېررورچىلارمۇ رايوننى تەرك ئېتىشى شەرت ئىدى. 10 كىلومېتىرلىق ساھەدە تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتى سەيشەنبە كۈنى توشقانىدى. رۇسىيە تەرەپ تېررورچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن رايونلاردىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورچىلارنىڭ چېكىنىپ چېكىنمىگەنلىكى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كونتىرول قىلىنماقتا ئىكەن. ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى 20 كىلومېتىرلىق ساھە بولسا، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولىدىكەن. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مىخانىزم ئورنىتىلىپ، كونتىرول باسقۇچى بۇ يەردىن كۆزىتىلىدىكەن. كونتىرول باسقۇچىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن تۈركىيە «بىخەتەر رايون» دا كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، «سوچى كېلىشىمى» دائىرىسىدە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى رۇسىيە ھەيئىتى بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدىكەن.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 22 – ئۆكتەبىر كۈنى سوچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە تاكتىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى رۇسىيە ھەيئىتى بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن تۈركىيە ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 3 كۈن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدە تۇنجى قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىن بۇرۇن،  باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرى گېراسىموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. گۈلەر بىلەن گېېراسىموۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر