ي پ گ / پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر كىشى ئۆلدى
سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردىن ماردىن ۋىلايىتىنىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغان شىۋان چەتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1297913
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 11 – ئۆكتەبىر كۈنى راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا يارىلانغان چەتىن، داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 9 غا يەتتى.
ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بىر يەردە دۇكان ئاچىدىغان چەتىن، يارىدارلارغا ياردەم بېرىۋاتقاندا، تېررورچىلارنىڭ شۇ جايغا قىلغان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا يارىلىنىپ، داۋالىنىشى ئۈچۈن دىيارباقىرغا يوللانغانىدى.