تۈرك كېڭىشى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىلەپ تېلېگرامما تارقاتتى

تۈرك كېڭىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1296542
تۈرك كېڭىشى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىلەپ تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ تەبرىك تېلېگراممسى تارقىتىپ، تۈرك كېڭىشى ۋە ئۆز نامىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىدى.

تېلېگراممىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك «ئەڭ چوڭ ئەسىرىمدۇر» دېگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۈگۈن 96 يېشىغا كىرگەنلىكى خاتىرىتىلگەن ھالدا، «ئازادلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشىگە يېڭى يول ئاچتى، باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇ چاغدىن بۇيان گۈللەنگەن ئىقتىسادى، كۈچلۈك دېموكراتىيەسى، تۈپ ئىنسانىي قىممەت – قاراشلىرى شۇنداقلا پىرىنسىپچان ۋە ئىلغار پىكىرلىك تاشقى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ھازىرمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام مەنبەسى بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن تېلېگراممىدا، «تۈركىيەنىڭ رايونىدا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە ئىگە بولغان مۇھىم ئورنىدىن پەخىرلەنمەكتىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر