جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئو تارقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلەپ تارقاتتى.

1296374
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئو تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ۋىدېئوسىدا ئانادولۇنى تۈركلەرگە ۋەتەن قىلغان مالازگىرت زەپىرىدىن تارتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغىچە بولغان تارىخىي جەريان بايان قىلىندى.

ۋىدېئودا ئورۇن ئالغان ماي بوياق رەسىملەر، تۈرك ئۇرۇش تارىخى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان مالازگىرت ئۇرۇشى، ۋارنا مەن جېڭى، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى، موھاچ مەيدان جېڭى، پرەۋەزە دېڭىز ئۇرۇشى، چاناققەلئە ئۇرۇشى، ساكاريا مەيدان جېڭى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ھەرقايسى فىرونتلىرىدىكى كۈرەشلەرنى نامايان قىلىپ بەردى.

تارىختىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بايراقلىرى لەپىلدەۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بىلەن بىرلىكتە «شۇنداق بىر داستاندۇركى، ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ھېكايىسى تارىخ بويىچە ئۇنتۇلماس زەپەرلەر بىلەن بېيىدى» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلانغان ۋىدېئو، «ئىنسانلىقتۇر مىراسى، ئەجدادىنىڭ ئىزىدا... ئۆتمۈشنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپاسىدىكى مەرھەمەت ۋە ۋىجداننىڭ قەدىمىي ۋارىسلىرى، بۈگۈن ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىقنىڭ بىردىنبىر كاپالەتچىسى (بولماقتا)... ئىرادە، جاسارەت ۋە پىداكارلىق بىلەن قۇرۇلغان، ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە مۇستەقىللىق بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 96 – يىلى مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر