مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: پ ك ك / ي پ گ غا قايتۇرما زەربە بېرىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1295345
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: پ ك ك / ي پ گ غا قايتۇرما زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار تەرىپىدىن چارلاش – كۆزىتىش ۋە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرىمىزغا زەمبىرەك ۋە مەرگەنلەر ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇملار بۈگۈنمۇ داۋاملاشتى. قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىمىز ۋە قىسىملىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى دائىرىسىدە پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر