«ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئىللىق مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئامېرىكىلىق بەزى رەھبەرلەر ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ /پ ك نىڭ كاتتىبېشىغا ئىللىق مۇئامىلىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1294588
«ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئىللىق مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن «‹ﺭﯦﻴﺘﯧﺮ› ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<مەزلۇم> تەخەللۇسلۇق   فەرھات ئابدى شاھىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولۇپ، قانۇنسىز قاچقۇندۇر.  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭ ئۈستىدىن <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى> چىقارغان. ئۇ، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى ۋە پۇقرالار  نىشان قىلىنغان كۆپلىگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى> چىقىرىلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،  ئامېرىكىلىق بەزى رەھبەرلەر ۋە سىياسەتچىلەر ئۇنىڭغا گويا مۇھىم سىياسەتچىدەكلا ئىللىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر