ئەردوغان: كوردلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوردلارنىڭ تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1294552
ئەردوغان: كوردلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيە ت ر ت نىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، كوردلارنىڭ تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۆرۈشۈۋاتىدۇ. <مەزلۇم> تەخەللۇسلۇق تېررورچى ئۈستىدىن <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى> چىقىرىلغان، شۇڭا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ تېررورچىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشى  شەرت.»

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە كېيىنچە ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇلاقلار <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىدا ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى دەپ ئاتىدۇق. جۈملىدىن <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق باشلاندى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز كوردلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر. بىزنىڭ نىشانىمىز تېررورچىلارنى يوقىتىشتۇر. بىز سۈرىيەگە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئاۋات قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتۇق.»

ئەردوغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ ئەين ئەلئەرەب رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا 30 مىڭدىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىللىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ياردەم بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىكى ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تازىلىنىشى، ياكى بۇلارنىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى شەرت. ناتودا ئىتتىپاقداش ئىكەنمىز، بۇ قورال – ياراغلارنى بىزگە بېرىشلىرى لازىم.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ھەم سەمىمىي ئىكەنلىكىنى، ترامپنىڭ 13  - نويابىر كۈنى زىيارەتتە بولۇش تەكلىپىگە بىر ھەيئەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر