چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1294734
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سوچىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىككى مىنىستىر، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچلىق ھەم مۇقىملىق ئورنىتىش مەقسىتىدە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك 10 ماددىلىق كېلىشىم تۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر