«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك قالمىدى»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى « ھەربىي ھەرىكىتى» نى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1292958
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەك قالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە  ئېلان قىلىنغان 16 ماددىلىق باياناتتا، 17 – ئۆكتەبىر كۈنى «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمى توغرۇلۇق تۈركىيە – بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى، بۇ دائىرىدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 120 سائەت توختىتىپ قويۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۆلىتىمىز ھازىرغىچە كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش نۇقتىسىدا ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلدى. باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ رايوندىن چېكىىشىنىڭ تاماملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 22 – ئۆكتەبىر كۈنى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە، بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ساھەسىنىڭ سىرتدىكى چېگرا لىنىيەلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەرىكەت ساھەمىزنىڭ 30 كىلومېتىر سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم دائىرىسىدە، مەۋجۇت ھەرىكەت ساھەمىزنىڭ سىرتىدا بۇ باسقۇچتا يېڭى بىر ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشقا كېرەك قالمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر