ي پ گ|پ ك ك ھەرىكەتنى توختىتىش كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى قىلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى، 18 ئەسكەر يارىلاندى.

1292682
ي پ گ|پ ك ك ھەرىكەتنى توختىتىش كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ۋە تېررورىستلارنىڭ 120 سائەت ئىچىدە رايوندىن چېكىنىشى مەقسىتىدە ھەرىكەتنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىمگە، ي پ گ|پ ك ك خىلاپلىق قىلماقتا.

تېررورىستلار شانلىئۇرفانىڭ ئاكچاكالە ناھىيەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېررىتورىيەسىگە جايلاشقان تېلئابياد ئەتراپىدا بىخەتەرلىكنى قوغداۋاتقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى قىلدى. ھۇجۇمدا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئەسكىرى شېھىت بولدى، 10 ئەسكەر يارىلاندى.

جەيلانپىنار ناھىيەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېررىتورىيەسىگە جايلاشقان راسۇلئايندا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن تىنىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ سەككىز ئەسكىرى، سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسىلىپ تۇزاق قۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىلاندى.

2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر باشلانغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىدىن ھازىرغىچە 84 ئەسكەر شېھىت بولدى، 310 ئەسكەر يارىلاندى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەتتە قۇتقۇزۇلغان ئاھالىلەر رايونى ۋە يوللاردا تىنىتىش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر