« ي پ گ / پ ك بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، ھەرىكەت تاماملىنىدۇ»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1292486
« ي پ گ / پ ك بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، ھەرىكەت تاماملىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان  «<World › مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 17 – ئۆكتەبىر كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، كېلىشىمگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ تاماملىنىدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ يېغىۋېلىنىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق پاناھ جايلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرى ئورۇندىلىشىدىن كېيىن، ي پ گ / پ ك بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى تاماملىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر