كالىن: تىنچلىق بۇلىقى ي پ گ|پ ك ك رايوندىن تولۇق چېكىنگەندە توختىتىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ بىخەتەر رايوندىن چېكىنش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1292325
كالىن: تىنچلىق بۇلىقى ي پ گ|پ ك ك رايوندىن تولۇق چېكىنگەندە توختىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى 120 سائەت توختىتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ بىخەتەر رايوندىن چېكىنشى مەقسىتىدە تۈزۈلگەن كېلىشىم بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى توختىتىش؛ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ بىخەتەر رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈنۈگۈن (2019-يىلى 21-ئۆكتەبىر) ئەتىگەندىن باشلاپ ي پ گ|پ ك ك نىڭ كېلىشىمگە، مەرگەنلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى، راكېتامىيوت ھۇجۇمى، تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى نىشانغا ئالغان ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇملار بىلەن 20 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملار سەۋەبىدىن بىر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

20-ئۆكتەبىر ي پ گ|پ ك ك نىڭ رايوندىن چېكىنىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، ي پ گ|پ ك ك ئەزالىرىنىڭ 86 ئاپتوموبىل ۋە دوختۇرخانا ئاپتوموبىللىرى بىلەن رايوندىن چېكىنگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم كالىن، بۈگۈن (22-ئۆكتەبىر) كەچكىچە ي پ گ|پ ك ك نىڭ رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولۇشىنىڭ ۋە كېلىشىم بويىچە ھەرىكەتنىڭ توختىتىلىشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 120 سائەتلىك ۋاقىتنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ ي پ گ|پ ك ك رايوندىن تولۇق چېكىنگەن ئەھۋالدا توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بارلىق ي پ گ تېررورىستلىرىنىڭ رايوندىن ئايرىلغانلىقىدىن خاتىرجەم بولساق، ئۇ چاغدا ھەرىكەتنى توختىتىمىز.»

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسى رايوننىڭ پۇقرالار ئۈچۈن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغان ئەھۋالدا ھەرىكەتنى ئۇزارتىشقا كېرەك يوقلۇقىنى ۋە رايوندا ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى مەقسەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ، رايوننىڭ تېررورىستلاردىن تازىلىنىشى؛ يەنە بىرىنىڭ، مۇساپىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ سەۋەبتىن، مۇساپىرلارنىڭ شەھەرلەرگە، يېزا-بازارلارغا قايتىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىتلارنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى، سۈرىيەدىكى سىياسىي مۇساپىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ۋە سۈرىيەدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ قوغدىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ياۋروپالىق دوستلىرىمىز بۇ خەتەرلىك ۋە ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەسكەرلىرىمىزگە مىننەتدار بولۇشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر