«2 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تەخمىنەن 2 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1292489
«2 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىخەتەر رايونغا تەخمىنەن 2 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەننى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى ۋە <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا رايونغا 365 مىڭ كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇش ئىراىمىز قەتئىيدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين شەھەر مەركەزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 65 ئولتۇراق رايونى تېررورچىلاردىن تازىلىنىپ، كونتىرول ئاستىغا ئېلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر