توققۇز كۈندە 1500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي تېررورلۇقنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىدە توققۇز كۈندە 1500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاينىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

توققۇز كۈندە 1500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي تېررورلۇقنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل رىزە جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلدى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پەقەت توققۇز كۈن ئىچىدىلا بىر قىسمى يۇقىرى دەرىجىلىك بولغان 765 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى، 1500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي تېررورلۇقنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇلدى. راسۇلئاين بىلەن تېلئابيادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 111 ئاھالىلەر رايونى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. رايوندا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك، سەھىيە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە تېگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىندى. تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىدى.»

ئۇ 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ 120 سائەت ئىچىدە بىخەتەر رايوندىن چىقىرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «بۇنىڭغا بويسۇنسا ياخشى، ئەگەر بويسۇنمىسا 120 سائەت ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى كەلگەن يېرىدىن قايتا باشلايمىز» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلار، بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تۈزمىدۇق، ئامېرىكا بىلەن تۈزدۇق. بەزىلەر بۇنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئۇنداق ئىش يوق» دېدى.

ئۇ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىمىزغا قارىتىلغان ئىمپېرىيالىستىك سېنارىيەلەرنى تارمار قىلدى. دۆلىتىمىز بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۆز بىخەتەرلىكىنى ھەمدە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەمنى تاشلىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر