چاۋۇشئوغلۇ: تېررورچىلار بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە چىقىپ كەتمىسە، ھەرىكەتنى يەنە باشلايمىز

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ/پ ي د تېررورچىلىرىغا بېرىلگەن 120 سائەتلىك مۆھلەت ئىچىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى بېكارلاپ چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ توختىغان يېرىدىن يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1291689
چاۋۇشئوغلۇ: تېررورچىلار بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە چىقىپ كەتمىسە، ھەرىكەتنى يەنە باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇل كونگرە مەركىزىدە «يەرشارىلىشىش كىرىزىسى؛ خەۋپلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىلىق تۈركىيە رادىيو  تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» دە سۆز قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ پەقەت سىياسىي يول بىلەنلا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 360 مىڭدىن كۆپىرەك سۈرىيە پۇقراسىنىڭ تېررورلۇقتىن تازىلانغان رايونغا قايتىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساھەدە ئامېرىكا بىلەن بىرگە بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قاتىتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ/پ ي د غا قورال ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بولمىغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى باشلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ ھەرىكەتتە پەقەت تېررورچىلارنىڭلا ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن چوڭ تىرشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى تلىغا ئېلىپ: «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى باشلانغان 9ئۆكتەبىردىن بېرى، ئاساسسىز تەنقىدلەر ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. تۈرك كورد دەپ ئايرىش تولىمۇ خاتا. كوردلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس. كوردلارغا قارشى پوزىتسىيەدە ئەمەسمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. تۈركىيەدە ئاز دېگەندىمۇ 350 مىڭ سۈرىيەلىك كورد پاناھلانلاغۇچىلارنى مېھمان قىلماقتىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە: «تارىخىمىزدا ھېچقاچان خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ باقمىدۇق. بۇمۇ بىر تەتۈر تەشۋىقات» دېدى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرلىرى ئارىسىدا خىمىيەلىك قورال يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ/پ ي د چېگرايىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئەمەلىي بىر تېررورلۇق دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى، بىز بۇ ئويۇنىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق» دېدى.

ئەتە (22-ئۆكتەبىر) رۇسيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇچرىىشىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورچىلارنىڭ چېكىنىشى ئۈچۈن 35 سائەتتىن ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى، بۇ مۆھلەت ئىچىدە چېكىنمەيدىغان بولسا، ھەرىكەتنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇز خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرىنىڭ دااۋملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورچىلارنىڭ رايوندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بېرىلگەن بەش كۈنلۈك (يەنى 120 سائەتلىك) مۆھلەت سەيشەنبە  (22-ئۆكتەبىر) تۈركىيە ۋاقتى سائەت 22:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر