تەلئەبيادتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

سۈرىيەدە تۈركىيە قىسىملىرى «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تەلئەبياد رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

teroristlerin guvenli bolgeden cikisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 17 – ئۆكتەبىر كۈنى <بىخەتەر رايون كېلىشىمى> ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، قىسىملىرىمىز <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تەلئەبياد رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ  ئۇدا 20 قېتىم تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر ئەسكىرىمىز  شېھىت بولدى، بىر ئەسكىرىمىز يارىلاندى. تېررورچىلارنىڭ كېلىشىمگە خىلاپ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىماي تۈنۈگۈن كۆپىنچىسى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىدىن تەشكىل تاپقان 39 ئاپتوموبىل ئەترىتىىڭ رەسۇلەينگە بىخەتەر ھالدا كىرىپ چىقىشى، يارىدارلار ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ رايوندىن بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىزنى چەكسىز دەرد – ئەلەم قاينىمىغا چۆمدۈرگەن ۋە غەم – قايغۇغا تاشلىغان بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئائىلە تاۋابىئاتىغا، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز، ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغان قەھرىمان سەپدىشىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ 120 سائەت ئىچىدە رايوندىن چىقىپ كېتىىشنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە، ئارمىيەمىز بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر