تۈركىيە، ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى يېقىنقى 36 سائەت ئىچىدە 14 قېتىم ۋەقە / ھۇجۇم سادىر قىلدى.

1290891
تۈركىيە، ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە  بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا 17 – ئۆكتەبىردە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يېقىنقى 36 سائەت ئىچىدە ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئون ئىككىسى رەسۇلەيندە، بىرى تەل ئابيادتا، يەنە بىرى تەل تامىر رايونىدا بولۇپ جەمئىي 14 قېتىم دەخلى قىلىش / ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى سادىر قىلىندى. دەخلى قىلىش ۋە ھۇجۇملارنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ئېغىر – يېنىك قوراللار بىلەن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنىشى ۋە يوللۇق قوغدىنىشتىن باشقا سۈكۈناتنى ساقلاپ قېلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھازىرىي كوردىناتسىيەنىڭ داۋاملاشتۇرۇلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر