چاۋۇشئوغلۇ جەنك شاھىنغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە ئىككىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىسى ست.پائۇلىدا پوتبولچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن پۇتبولچى ئەنۋەر جەنك شاھىنغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1290903
چاۋۇشئوغلۇ جەنك شاھىنغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن گېرمانىيە ئىككىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىسى ست.پائۇلىدا پوتبولچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن پۇتبولچى ئەنۋەر جەنك شاھىنغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ شاھىنغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پۇتبولچى شاھىن ئۆتكەن ھەپتە ئىنستاگرامدىكى ئادرېسى ئارقىلىق »قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ۋە ئارمىيەمىزنىڭ يېنىدىمىز. دۇئالىرىمىز سىلەر بىلەن بىرگە» دەپ ئۇچۇر تارقىتىپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ست.پائۇلى كوماندىسى بايانات بېرىپ، شاھىننىڭ تەييارلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ۋە مۇسابىقىلەرگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىغا ئۇنىڭ كوماندىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلىشى ۋە پوتبولچىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەنۋەر جەنك شاھىنغا باشقا كوماندىدا پۇتبول ئويناش ۋە كوماندا ئىزدىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر