ي پ گ|پ ي د شىمالىي سۈرىيەدىن چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ شىمالىي سۈرىيەدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1290459
ي پ گ|پ ي د شىمالىي سۈرىيەدىن چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈنۈگۈن (17-ئۆكتەبىر) تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە تېررورىستلارغا قارشى باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «رايوندا تەخمىنەن توققۇز كۈننى باشتىن كەچۈردۇق. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسىمۇ بار. تېلېفون دىپلوماتىيەسى بىلەن داۋاملاشقان مۇساپىلەرمۇ بار. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىز بار. مۇھىم ئۇچرىشىشىمىزنى تۈنۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ھۆرمەتلىك ترامپ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى نۇقتىغا كېلەلەيمىز، دېدۇق. ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ باشچىلىقىدا بىر ھەيئەتنى ئەۋەتتى. بۇ ھەيئەت مەن بېكىتكەن ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى. تۈنۈگۈن ئەڭ مۇھىم كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى.

ئۇ پېنس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە تۈزگەن 13 ماددىلىق ئورتاق خىتابنامە دۇنياغا ئېلان قىلىندى. 120 سائەتلىك مۇساپە ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇزۇنلۇقنى كۆزدە تۇتقاندا، 444 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇق بار. 120 سائەت ئىچىدە بۇ يەرلەرنىڭ بوشىتىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. تۈركىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋە بىرلىكتە ھەمكارلىق ئىچىدە قىلىش قارارى ئالدۇق. ئىزچىل ھالدا ئۆزئارا ئالاقىدە بولىمىز. 120 سائەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇرالىساق.... سەيشەنبە (22-ئۆكتەبىر) ھۆرمەتلىك پۇتىن بىلەن كۆرۈشىمەن. پۇتىن بىلەن بولىدىغان كۆرۈشۈشۈمنى بۇ مۇساپىنىڭ بىر ئۇنسۇرى سۈپىتىدە كۆرىمەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ چېكىنىشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزنىڭ كېلىشىمىمىزنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، بىزنىڭ قوراللىق قىسىملىرىمىز ئۇ جايلاردىن ئايرىلمايدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمىزدىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئېتىشىش يوق. ئاساسسىز خەۋەرلەرگە ئېتىبار قىلمايلى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر