ئەردوغان ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا جاۋاب قايتۇردى.

1290234
ئەردوغان ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 5 كۈن توختىتىپ قويۇلۇشى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىنلا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت! ئىنسانىيەتنىڭ باش دۈشمىنى بولغان تېررورىزمنى يەڭگىنىمىزدە تېخىمۇ كۆپ ئىنساننى قۇتقۇزۇۋالالايمىز. بۇ ئورتاق تىرىشچانلىقنىڭ رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 5 كۈن توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەتكەنىدى.

ئارقىدىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بايانات ئېلان  قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيەدىن خۇش خەۋەر كېلىۋاتىدۇ، مىليونلارچە ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتقۇتۇپ قالالايمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر