ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1290710
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدا قۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان بىخەتەر رايون ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يىلتىزى چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل ئاساسقا تايانغان ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېسىلغان ئۆزئارا قەدەملەردىن ھېس قىلغان مەمنۇنلۇقىنى، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«بىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەسىس قىلىدىغان بىخەتەر رايون خىزمەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا رايونىمىزنىڭ خاتىرجەملىككە، پاراۋانلىققا ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر