تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس پايتەخت ئەنقەرەدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 13 ماددىلىق «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە-ئامېرىكا ئورتاق باياناتى» ئېلان قىلىندى.

1290171
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس پايتەخت ئەنقەرەدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 13 ماددىلىق «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە-ئامېرىكا ئورتاق باياناتى» ئېلان قىلىندى.

ئورتاق بايانات تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت؛

  1. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا، ناتونىڭ يېقىن ئىككى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەستىقلايدۇ.
  2. ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك يوللۇق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرىنى چۈشىنىدۇ. ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى ئۆزگىرىشلەردە، ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا ئۆزئارا تېخىمۇ زىچ ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.
  3. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا «ھەممىمىز بىرىمىز، بىرىمىز ھەممىمىز ئۈچۈن» دېگەن ئاڭ بىلەن، ناتو زېمىنلىرىنى ۋە خەلقلىرىنى بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى قوغداش ۋەدىلىرىدە سادىق بولىدۇ.
  4. ھەر ئىككى دۆلەت، كىشىنىڭ ھاياتى، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن دىنىي ۋە ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىگە ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى تەكرارلايدۇ.
  5. تۈركىيە ۋە ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا دائېشقا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن، دائېش كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ياشاپ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان شەخسلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە مۇۋاپىق ھالدا ئىجرا قىلىنىدىغان بىر تۇتاش پىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  6. تۈركىيە ۋە ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ، پەقەت تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى، ئورۇنلىشىش نۇقتىلىرى، قورال-ياراغ ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنى نىشانغا ئېلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە پىكىر بىردەكلىكىدە قالىدۇ.
  7. تۈركىيە تەرەپ، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بىخەتەر رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. پۇقرالار ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
  8. ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، سۈرىيە ئىختىلاپىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ب د ت باشچىلىقىدىكى سىياسىي مۇساپىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى تەكرارلايدۇ.
  9. ھەر ئىككى تەرەپ، تۈركىيەنىڭ، ي پ گ نىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن بارلىق ئۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ يوقىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت بىخەتەرلىكى قايغۇلىرىنىڭ تۈگىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىدا پىكىر بىرلىكىدە قالىدۇ.
  10. بىخەتەر رايون ئالدى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىخەتەر رايوننىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنىشىدا ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.
  11. تۈركىيە تەرەپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى، بىخەتەر رايوندىن ي پ گ نىڭ 120 سائەت ئىچىدە چېكىنىشى كاپالىتى ئاستىدا توختىتىدۇ. تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بۇ چېكىنىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن توختىتىلىدۇ.
  12. تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى توختىتىلغاندا، ئامېرىكا 2019-يىلى 14-ئۆكتەبىر ئىمزالانغان «Blocking Property and Suspending Entry of Certain Persons Contributing to the Situation in Syria» دەپ ئاتالغان پىرېزىدېنت قارارنامىسى ئاستىدا ئىجرا قىلىنغان ئېمبارگولارغا، ئىلاۋە ئېمبارگولارنى قوشماسلىق؛ كونگرەدە ئۇيغۇن شەكىلدە مۇزاكىرەلەر ۋە ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى بويىچە، سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىدە قالىدۇ.  تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى 11-ماددىغا ئاساسەن توختىتىلغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى بويىچە ئىجرا قىلىنغان ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
  13. ھەر ئىككى تەرەپ، بۇ باياناتتا قەيت قىلىنغان بارلىق ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ۋەدە قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر