«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 673 كە يەتتى.

1289574
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدا شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يوق قىلىش، رايونغا ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەدە <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى 9 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  لىق تېررورچىلارنىڭ سانى 673 كە يەتتى.»

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نى قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلغان، بۇ ئەھۋال تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، رەققە ۋە تەبگا رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا قورال تۇتقۇزۇلغان 600 گە يېقىن تېررورچى قېچىپ كەتكەن، تۈركىيە قىسىملىرىغا تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 40 تىن ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر