تىنچلىق بۇلىقى بەش كۈن توختىتىلىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ بەش كۈن توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ بەش كۈن توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ بۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئەمەس، بەلكى «ۋاقىتلىق توختىتىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ بەش كۈن ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ تۈركىيە-سۈرىيە-ئىراق چېگراسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
ئۇ ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن پ ي د تېررورىستلىرىنىڭ چېكىنىشى، ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ يىغىۋېلىنىشى، ئىستېھكام ۋە ئېتىشىشلاردا ئىشلىتىش مەقسىتىدە سېلىنغان بىنالارنىڭ يوق قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئامېرىكا بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە دائېشقا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە ماسلاشقان ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ كوبانى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:
«مەقسىتىمىز 32 كىلومېتىر كەڭلىكتە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىن ئىراق چېگراسىغىچە ھېچقانداق تېررورىستنىڭ بولماسلىقى ھەمدە پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەر رايون سۈپىتىدە تەسىس قىلىنىشىدۇر.»
تۈركىيە 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر جەنۇبىي چېگرادا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يوقىتىش، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئەكىلىش ئۈچۈن، سۈرىيەدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش سەۋەبلىرىنى، ئالدى بىلەن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە ۋە ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا چۈشەندۈردى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس كۆرۈشۈشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى 120 سائەت توختىتىدىغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ بىخەتەر رايوندىن تۈركىيە چېگراسىدىن 20 كىلومېتىرغىچە چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن تۋىتتېردا: «تەشەككۈرلەر ئەردوغان» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.