ئىبراھىم كالىن: دائېش مەھبۇسلىرىنى پ ك ك/ي پ گ كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرماقچى بولغان بىخەتەر رايۇننىڭ ھەرگىزمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1289057
ئىبراھىم كالىن: دائېش مەھبۇسلىرىنى پ ك ك/ي پ گ كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن «BBC» نىڭ بىر پىروگاممىسغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يوقۇتۇش، رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بارپا قىلىش مەقسىتىدە باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئىبراھىم كالىن تۈركىيە قۇرماقچى بولغان بىخەتەر رايوننىڭ ھەرگىزمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى داېئشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز جىرابلۇستا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلدۇق. 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسىنى نازارەتكە ئالدۇق. 8 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسىنى دۆلەتلىرىگە قايتۇردۇق ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردۇق. جىرابلۇستىلا 3 مىڭدىن ئارتۇق دائېش ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردۇق. دائېشنىڭ قەتئىي قايتىپ كېلەلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇراقتىمىز. ئىراقتا، سۈرىيەدە ياكى باشقا ھەممىلا يەردە» دېدى. 

تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قانداق كاپالەت بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئافرىندە، جىرابلۇستا ۋە ئىدلىبتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان خىزمەتلەرنى ئۈلگە كۆرسەتتى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقى ۋە سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، 4 مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پاناھلانغۇچىلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىكىدىكى دائېش ھۇجۇملىردىن قوغداۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم كالىن: «دائېشقا قارشى كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ ھەرگىز تۆۋەنلەپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتىپاقداش قىسىملار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ياۋروپا، ئامېرىكا، ئىران، ئەرەب دۆلەتلىرى، رۇسىيە ۋە باشقىلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىش داۋاملىشىدۇ. چۈنكى دائېش ھەممىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدۇق، يەنە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېدى. 

ئىبراھىم كالىن تىۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدىمۇ «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز ھېچبىر شەكىلدە دائېشقا قارشى كۈرىشىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرمەيدۇ ياكى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. دائېش مەھبۇسلىرىنى ئىسلاس ئۇرۇشلاردا سودىلىشىش كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ دۇر» دېگەنلەر سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر