تۈركىيە كېنىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، كېنىيەدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كېنىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1287527
تۈركىيە كېنىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «كېنىيەنىڭ گارىسسا ۋىلايىتىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان بىر ساقچى ئاپتوموبىلى زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەسىدە كۆپ ساندا ساقچى خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چوڭقۇر قايغۇردۇق. مەزكۇر ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، دوست كېنىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.

كېنىيە – سومالى چېگراسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ساقچى ئاپتوموبىلىغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بىر پارتلاتقۇچ بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 10 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر