ئەردوغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

1287189
ئەردوغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەدە ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مەنسۇپلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى باشلانغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

بۈگۈن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ ئاساسىي نىشانىمىز بۇ مەسلىنى رايوندا تۇرۇۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى بولدى» دېدى.

ئۇ، مۇھىمى بۇ مۇساپىنى ئەڭ ئاز قۇربان بېرىش، ئەڭ ئاز ئازاپ چېكىش ئارقىلىق بېسىپ تاماملاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەردوغان، ي پ گ / پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىشغال قىلىپ ياتقان جايلىرىدىن تۈركىيەگە ھازىرغىچە 652 زەمبىرەك ۋە گىراناتاميۇت ئاتقانلىقىنى، ھۇجۇملارنىڭ خېلى كۆپ سانلىقى بالىلار بولۇپ جەمئىي 18 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 147 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 490 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، «بۇ ھەرىكەتتە ئەڭ كۈچلۈك قوللاشنى سۈرىيە كوردلىرىدىن ئالماقتىمىز» ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 2 تۈرك ئەسكىرى بىلەن 16 سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى خادىمىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويمىدۇق، قويمايمىز» دېگەن ئەردوغان، «سۈرىيەگە نېمىشقا كىردۇق؟ ھاكىمىيەت تېررورچىلارغا قارشى پۇت تىرەپ تۇرالمايۋاتىدۇ» دېدى.

ھازىرغىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان جاينىڭ 109 كۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ھەرىكىتىمىزنىڭ سۈرىيە خەلقىنى، ئۇ يەردىكى كورلارنى ئەمەس، تېررورچىلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچى – ئەگەر ئىنسانىي سەزگۈرلۈكىمىز بولمايدىغان بولسا – تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پۈتكۈل ھەربىي ھەرىكەت ساھەسىدە بىر قانچە كۈن ئىچىدە يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا يېتىدۇ. بىراق بىز بىرمۇ بىگۇناھ كىشىنىڭ بۇرنىنىڭ قانىماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەدىكى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ھەپتە ئىچىدە بىر يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھەربىي ھەرىكىتىمىزنىڭ كوردلارنى زەربە ئوبېيكتى قىلىشىدەك بىر ئەھۋال قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئەردوغان، «بىز بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلار بولدى، بۇلار قانداق باشلىقلار، قانداق پىرېزىدېنتلار چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ تېررورچىغا قارىشىمىز بىلەن ئىنسانغا قارىشىمىز پەرقلىقتۇر. قاچاندىن بۇيان بىر دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن (سۆھبەت) ئۈستىلىگە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلار؟» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر