تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ يۈرگۈزگۈسى  ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقىغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1286853
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ يۈرگۈزگۈسى  ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار باياناتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە تۈركىيەنىڭمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان چاغدا دۆلىتىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە ھەر سەۋىيەدە مەلۇمات بەردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتنىڭ نىشانى ۋە دائىرىسى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. تۈركىيە مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ كۈرىشىنى تاكى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ  كۈرەشكە قارشى تاشلىنىدىغان ھەربىر قەدەمگە قارىتا تۈركىيە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش كۈچى ھەم ھوقۇقىغا ئىگە.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا  تۈركىيەگە  ئېمبارگو  يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىش قارارنامىسىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى، بىراق ئېمبارگولارنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر